قانال ياساشنىڭ قانداق رولى بار؟
نېمە ئۈچۈن
شىمالدىكى بېيجىڭدىن جەنۇبتىكى خاڭجۇغىچە بولغان بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن قانال ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى خەيخې، خۇۋەيخې، چاڭجىياڭ، چيەنتاڭجياڭ قاتارلىق بەش چوڭ سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دۇنيادىكى ئېقىن كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولغان قانال ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر قانال قازغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 2000 يىلدىن كۆپ ئىلگىرى چىن سۇلالىسى ۋاقىتدا، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى شياڭجياڭ دەرياسى بىلەن لىجياڭ دەرياسى ئوتتۇرىسىغا 30 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى لىڭچۈ دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانال ياسالغان. لىڭچۈ قانىلى يەنە دۇنيادىكى تۇنجى لوك شەكىللىك قانال بولۇپ، كېمىلەر تاغ ئاستىدىن بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى تىزىلىپ ئۆتۈشىدۇ.
قانال سۈنئىي قېزىلغان بىر خىل سۇ قاتناش يول بولۇپ، دەريا، كۆل، دېڭىز قاتارلىق ھەر خىل سۇلۇقلارنى تۇتاشتۇرالايدۇ. قانالنىڭ ئېچىلىشى، قاتناش - ترانسپورت ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقان.
مەسىلەن، پاناما قانىلى تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكتان ئارىلىكىدىكى قاتناشنى تۇتاشتۇرغان. پاناما قانىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.81 كىلومېتىر بولۇپ، تار يېرىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 152 مېتىر، كەڭ يېرىنىڭ كەڭلىكى 304 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 3.14 مېتىر. ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز قانال بولۇپ، قانال بويىغا ياسالغان ئالتە لوك سۇ ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. پاناما قانىلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 15 مىڭ پاراخوت ئۆتىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 195 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 5.19 مېتىر. سۇۋەيىش قانىلى دۇنيادىكى قاتنىشى ئەڭ بېسىق بولغان ئاۋات قانال. چۈنكى، ئۇ، ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر دېڭىز قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.