UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا دورا ئىچۈرگەندە بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ مەجبۇرىي ئىچۈرۈشكە بولامدۇ؟

بالىلارغا دورا ئىچۈرگەندە بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ مەجبۇرىي ئىچۈرۈشكە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئاغرىپ قالسا، دورائىچىشتىن خالىي بولالمايدۇ، دورا ئىچۈرگەندە، بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياكى يىغلاپ ئەسكىلىك قىلىدۇ، ياكى چىشلىرىنى چىڭ چىشلىۋالىدۇ - دە، دوا ئىچۈرۈش تولىمۇ قىيىن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانىلار كۆپىنچە بالىلارنىنىڭ بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ دورىنى مەجبۇرىي ئىچۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ناھايىتى خەتەرلىك. بالىنىڭ بۇرنىنى ئېتىۋلغاندا، بالا بۇرنىنىڭ ئورنىدا ئاغزىدا نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇ چاغدا دورا ئىچۈرۈلسە، بالا دورىنى يۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ، تېخى دورا ھاۋا بىلەن تەڭ كانايغا كىرىپ كېتىدۇ - دە، چاتاق چىقىدۇ! يەڭگىل بولسا، نەپەس يولىدىكى شىلىمشىق پەردىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قاتتىق قېقىلىپ يۆتىلىپ ھاسىراپ كېتىدۇ؛ ئېغىر بولسا، كاناي ئېتىلىپ قېلىپ، بالا نەپەس ئالالماي قالىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزمىسا، بالىنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە خەۋپ يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دورا كاناي شىلىمشىق پەردىسىگە قايتا - قايتا تەسىر قىلىۋەرسە ياللۇغىلىنىپ، بالىلاردا قىزىش، بەلغەم كۆپ بولۇش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق. شۇڭا، بالىلارغا دورا ئىچۈرگەندە بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ مەجبۇرىي ئىچۈرۈشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئەگەر كۇمىلاچ دورا، تابلېتكا بېرىلىدىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئېزىپ شېكەر سۈيىدە ئېرىتىپ، بالىلارنى ئالداپ ئىچۈرۈش كېرەك، بالىلار تەرسالىق قىلىپ ئىچكىلى ئۇنىمىسا، بالىنىڭ زاڭىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئازراق كۈچەپ ئاغزىنى ئاچتۇرۇپ، ئاندىن دورىنى قۇيۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارغا دورا ئىچۈرگەندە بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ مەجبۇرىي ئىچۈرۈشكە بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki