پەسىل قۇشلىرى كۆچكەندە نېمە ئۈچۈن يولدىن ئادىشىپ قالمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
پەسىل قۇشلىرى كۆچۈش داۋامىدا نۇرغۇن تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار ئەسلىي ماكانىنى تاپالامدۇ؟ زوئولوگلار پەسىل قۇشلىرىنىڭ پۇتىغا بەلگە ئېسىپ قويۇپ يىراقلارغا ئۇچۇرتۇۋېتىش تەجرىبىسىنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن كارامىتى بارلىقىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلىي ماكانىغا قايتىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئالدىنقى يىلىدىكى ئۇۋىسىنىمۇ تاپالايدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئۇنداقتا، پەسىل قۇشلىرى نېمە ئۈچۈن يولدىن ئادىشىپ قالمايدۇ؟ بۇ ھەقتە ئالىملار ھەرخىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان: پەسىل قۇشلىرى كۆچۈش داۋامىدا تۈرلۈك يەر شەكىللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئېسىدە ساقلىۋالىدۇ، قايتىپ كېلىدىغان چاغدا بولسا ئۆزىگە پىشىق بولۇپ كەتكەن نىشانلار ئارقىلىق يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن پەسىل قۇشلىرى دېڭىز بويى لىنىيىسىنى بويلاپ ئۇچىدۇ، قۇرۇقلۇقتا ئۇچىدىغان قۇشلار بولسا دەريا ئېقىنلىرى، كۆل ۋە تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ ئۇچىدۇ.
يەنە بەزى ئالىملار: يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ئارقىلىق يۆنىلىش بەلگىلەش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى پەسىل قۇشلىرىنى توغرا ئۇچۇشقا يېتەكلەيدۇ، دەپ قارىغان. ئامېرىكا تەتقىقاچلىرى كەپتەرنىڭ باش سۆڭىكىدىن تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر پارچە كىچىك ماگىنتلىق ماددىنى بايقاپ، دەل مۇشۇ ماگىنتلىق ماددىنىڭ «كومپاس» لىق رولى بار، بۇ ماگنىتلىق ماددا يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ يارىدىمىدە كەپتەرگە توغرا يول باشلاپ بېرىدۇ، دەپ قارىغان.
يەنە باشقا ئالىملارمۇ بۇ ھەقتە قىزىقارلىق تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەن. ئۇلار: كۆچۈۋاتقان بىر قىسىم قارىغۇجىلارنى تۇتۇۋېلىپ قەپەسكە سولاپ قويغاندىن كېيىن، سىنئەينەك ئارقىلىق قۇياش نۇرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ توختىماستىن يۆنىلىشنى ئۆزگەرتكەن. بۇ تەجرىبىدىن قارىغۇجىنىڭ قۇياشنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئۇچىدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بەزى ئالىملار: پەسىل قۇشلىرى كۆچكەندە يۇلتۇزلارنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۇچىدۇ، دەپ قارىغان.
بۇ ھەقتە يەنە باشقا ھەر خىل قىزىقارلىق قاراشلار بار. لېكىن، قۇشلارنىڭ كۆچۈشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن قىلچە خاتاسىز ھالدا ئۆز ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ؟
دېگەن سوئاللارغا ھازىرغىچە توغرا جاۋاب تېپىلمىدى.