UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئانا بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇشنى خالامدۇ؟

بالا ئانا بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇشنى خالامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەگەر ئانا كۈندۈزى ئۆيدە بولمىسا، بالىمۇ پۈتۈن بىر كۈندۈز ئۇخلاپ چىقىشى، ھەتتا ئانىسى قارىمىغاچقا، بەزى ۋاقىتتا روھسىز بولۇشى مۇمكىن. ئاخشىمى ئانىسى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن روھلىنىپ، كېچىسى ئۇخلىمايدۇ. ئويغىنىپ كېتىدىغان ۋاقىتمۇ ئالاھىدە كۆپ بولىدۇ، بۇ بالىنىڭ كەپسىزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ ئانا بىلەن بىللە بولغاندا روھىي كەيپىياتى ياخشى بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپ قالىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — بالا بىلەن بىر يەردە ئۇخلاپ، بالا بىلەن يېقىن بولغان مۇناسىۋەتتىن بەھر ئېلىش كېرەك. بالا بىلەن ئۇخلىغاندا ئېمىتىشكە ئوڭاي بولۇپلا قالماستىن، بالىنىڭ ئانىغا بولغان مۇھەببەت تەلىپىمۇ قاندۇرۇلىدۇ. ئانا بالا بىلەن ئۇخلىغاندىن كېيىن بالىنىڭ ئويغانغان قېتىم سانىنىڭ بارغانسېرى ئازلىغانلىقىنى، كۈندۈزى بالىنىڭ يېنىدا بولمىسا، ئوڭايلا ئويغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئانا كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا بالىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئەركىلىتىشى ۋە ئېمىتىشى كېرەك. كېچىدىكى ئېمىتىش كۈندۈزى ئۆيدە بولالمايدىغان ئانىلارغا نىسبەتەن سۈتنىڭ ئاجرىتىلىش مىقدارىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالا ئانا بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇشنى خالامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki