UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاق دائىم ئاغزىغا بىر نەرسە سېلىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بوۋاق دائىم ئاغزىغا بىر نەرسە سېلىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يەتتە ئايلىقتىن باشلاپ بوۋاقلارنىڭ ھەرخىل ھەرىكىتى بىر ئاز كۈچلۈك بولغان ئاڭلىقلىققا ۋە مەقسەتكە ئىگە بولىدۇ ھەم بۇ ۋاقىتتا ئىككى قول ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ، بەزى بوۋاقلار ئۆمىلەشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىل ئۇنىڭ شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىخ دەۋرى. ئۇ نەرسىلەرنى تۇتقاندا قىزىقىش بىلەن ئۇيان - بۇيانغا قاراش، ئۇرۇپ بېقىشتىن سىرت يەنە دائىم ئاغزىغا سېلىپ شوراش، يالاش، چىشلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەيئىلەرنى تونۇش، دۇنيانى بىلىشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقىغاندا، ئاتا - ئانا مەجبۇرىي چەكلىمەسلىك، ئەكسىچە ئويۇنچۇقلارنى دائىم يۇيۇپ دېزىنفېكسىيىلەپ، پاكىز بولماسلىقتىن ھەزىم يول كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، ئاتا - ئانا ھەر ۋاقىت بوۋاقنىڭ ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىش، بوۋاققا بىسلىق، خەتەرلىك مەسىلەن: سىرلانغان، زاپچاسلىرى ئاسان بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئويۇنچۇقلارنى بەرمەسلىك، بۇلارنىڭ بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاق دائىم ئاغزىغا بىر نەرسە سېلىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki