UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدورا ئىستېمال قىلىشتا بوۋاقلاردا قانداق ئالاھىدىلىك بار؟

دورا ئىستېمال قىلىشتا بوۋاقلاردا قانداق ئالاھىدىلىك بار؟

نېمە ئۈچۈن ھاياتلىقتا، بالىلار ماددا ئالمىشىشنىڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتىدا تۇرغان بولىدۇ، قوبۇل قىلىشى، سىرتقا چىقىرىشى تېز بولۇپلا قالماي، قان ئايلىنىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىغا بولغان ئىنكاسىمۇ تېزرەك بولىدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ تېنىدىكى ھەر خىل ئورگانىزملار تولۇق يېتىلمىگەن، جىگەر، تاللىرىنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان، بۆرەك، تاللىرىنىڭ چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بولىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارغا دورا بەرگەندە چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ئادەتتە، ئۆسمۈرلەرنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى قىزىپ ياكى يۆتىلىپ قالسىلا، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بېرىدۇ. ئۇلار دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ياكى دورىنى ئۇزاق ئىستېمال قىلىشنىڭ بالىلاردا ئاسانلا دورا بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كېسەلنى دورا بىلەن داۋالىغاندىن كۆرە، ئادەتتە بالىلارنىڭ تەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يېمەك - ئىچمىكىنى تەڭشەش، بالىلاردا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە تۇرمۇشىنى قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، كېسەل بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ياخشى. دورا يېمىسە بولمايدىغان ئەھۋال بولمىسىلا، ئادەتتە دورىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاز ئىچىش، ئىچمەسلىك كېرەك. بالىلار فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن، بويى كىچىك، بەدىنى يېنىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن چوڭلاردىن پەرقلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشى، تەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان بالىلارغا بېرىلىدىغان دورىلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دورا يېگەندە، قەتئىي دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بوۋاققا بېرىدىغان دورىنىڭ مىقدارى، قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى توغرا ئىگىلەپ، دورا بىلەن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاسانلا ئانافىلاكسىيە (زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى) پەيدا بولىدىغان بالىلارنى دوختۇرغا كۆرسەتكەندە، ئائىلە باشلىقلىرى دوختۇرغا ئەھۋالىنى ئېيتىشى، دورا بەرگەن ۋە ئوكۇل ئۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال دورىنى توختىتىش، ئانافىلاكسىيىلىك شۇك بولۇش كېلىپ چىقىلسا، دوختۇرنى بۆرەك ئۈستى بېزى ئوكۇلى ئۇرۇپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە