ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت ھەرىكەتلىرىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەك
نېمە ئۈچۈن
بالىلار تەخمىنەن بىر ياشقا كىرگەندە بالىلاردا مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە ئۆز - ئۆزىنى ھېس قىلىش ئېڭى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئىككى ياشقا كىرگەندە، بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە ئۆز - ئۆزىنى ھېس قىلىش ئېڭى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. بىر قوبۇل قىلغۇچىدىن ئاكتىپلىق بىلەن تەلەپ قىلغۇچىغا ئۆزگىرىپ، بەلگىلىك ئارزۇ ئىپادىسىدە بولىدۇ، ئەگەر ئۆزى مۇستەقىل ھالدا بىرەر ئىشنى ئورۇندىيالىسا، ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار بۇ پۇرسەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۇ قىلالايدىغان ئىشلارنى مەسىلەن: ئاياغ، پايپاق سېلىش، يۈز - قوللىرىنى يۇيۇش، چىراغ ئۆچۈرۈش ۋە ياندۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى بۇيرۇشى، شۇنداقلا بالىلارغا تولۇق كۆيۈنۈشى ۋە ئاسرىشى كېرەك، بىراق زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، بالىلارنى ھۇرۇن قىلىپ قويماسلىق ۋە بالىنىڭ كۆڭلىدە <مەن ھەممىدىن مۇھىم> دەيدىغان خاراكتېرنى پەيدا قىلىپ قويماسلىق كېرەك، ناچار خاراكتېر بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. بۇ ۋاقىتتا بالىلار چوڭراق تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارنى تەڭ ياشتىكىلەر بىلەن ئويناشقا رىغبەتلەندۈرسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە چوڭ پايدىسى زور.