نېمە ئۈچۈن يېتىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتمەسلىك كېرەك دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىلار ئولتۇرۇشنى، مېڭىشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانا كۈن بويى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ھەتتا ئېمىتكەندىمۇ قۇچاقلىمايدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا، بالىنىڭ ئاشقازىنى بىلەن چوڭلارنىڭ ئوخشىمايدۇ. چوڭلارنىڭ ئاشقازىنى بېلىق قارمىقى شەكلىدە بولۇپ، ئاشقازاننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا كۆپۈكسىمان ئاشقازان تۈۋى بار، يېمەكلىك بىلەن بىللە كىرگەن ھاۋا ئاشقازان تۈۋىدە ساقلىنىپ قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى تەكشى بولۇپ، كىرىش ئېغىزى چوڭلارنىڭكىدىن بوش، ئەگەر يېتىپ تۇرۇپ ئېمىتسە، كۆپ مىقداردىكى ھاۋا ئاشقازانغا كىرىپ كېتىپ، بالا ناھايىتى ئوڭايلا سۈتنى ياندۇرۇۋېتىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۈت كانايغا كىرىپ كېتىپ، بالىنى يۆتەلدۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا، بالا ئېمىتكەندە بالىنىڭ باش قىسمىنى ئازراق ئېگىز قىلىپ قويۇش، ئېمىپ بولغاندىن كېيىن دۈمبىسىنى يېنىك شاپىلاقلاپ، ئاشقازىنىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىش كېرەك.