كېچىدە قانداق ھالەتتە بالا ئېمىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
كېچىدە بالا ئېمىتىش قىياپىتى توغرىسىدا گەپ بولسا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن ئولتۇرۇپ ئېمىتىش كېرەك دېيىشىدۇ، بۇنداق قىلىشىمىز بالىنىڭ ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئويلىمىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئولتۇرۇپ بالا ئېمىتكەندە بالا قېقىلىپ، يۆتىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئانىلار ئەگەر يېتىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتىشنى ئۆگىنىۋالسا، ئۆزى ۋە بالىسىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ ھەم ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بەزى ئانىلار دەسلەپتە ئادەتلىنەلمەسلىكى مۇمكىن، خىلمۇخىل قىياپەتتە ئېمىتىپ بېقىپ، ئاندىن ئۆزىگە ماس بولغان ئېمىتىش شەكلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئانا بىلەن بالا يېتىپ تۇرۇپ ئېمىتىش ۋە ئېمىشكە كۆنەلىسە، ئانىنىڭ جاپاسىمۇ يېنىكلەيدۇ. ئانا - بالىمۇ بىللە ئۇخلايدۇ، بالا كېچىسى ئويغىنىپ كەتكەندە، ئانا بىر تەرەپكە ئۆرۈلۈپلا بىر تەرەپتىكى ئەمچەك بىلەن ئېمىتەلەيدۇ ھەم بالا بىلەن ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ئويلىمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئېگىزرەك سېلىنچا سېلىپ، سۈتنى قېقىۋېتىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش، ھەم ئانا ئاۋۋال ئۇخلاپ قېلىپ، بالىنىڭ يۈزىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.