UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن قەدىمكىلەردە <تاماق تاللىغاننىڭ قورسىقى توق> دېگەن گەپ بار، ئەگەر بالىلاردا قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش ئىپادىلىرى كۆرۈلسە، بىراق يېتەرلىك تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ئوزۇقلۇققا ئېرىشسە، بۇ خىل ھادىسە بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ بىر ناچار ئادەت بولسىمۇ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمىسە، ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. كۈندىلىك تاماقتا پەقەت تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلسىلا بولىدۇ: 1. ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىدىن باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تاماق تاللايدىغان ناچار ئادەتلىرىنى تۈگەتسە، بالىلارمۇ تەبىئىي ھالدا تاماق تاللىمايدىغان بولىدۇ. 2. تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە يېمەكلىكنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ۋە خىلمۇخىللاشتۇرۇش كېرەك. 3. مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ بەزى يېمەكلىكلەرگە بولغان قورقۇش، تەشۋىشلىنىش پسىخىكىسىنى تۈگىتىپ، بۇ خىل يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. مەسىلەن: بەزى بالىلار بېلىق قىلتىرىقىنىڭ، سۆڭەكلىرىنىڭ سانجىلىپ ئاغرىتىۋېتىشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بېلىق قىلتىرىقىنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن بالىلارغا بېرىشى ۋە باشلامچىلىق بىلەن بېلىقنى يېيىشى كېرەك. ئەگەر بالىلارنىڭ قسىمەن تاماقنى يېگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش ئادىتى ئېغىر بولسا، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپ، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماسلىق، قەۋزىيەت، قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىق كېسەللىكنى پەيدا قىلغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە