UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتوز قانداق ۋاقىتتا قۇيرۇقىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

توز قانداق ۋاقىتتا قۇيرۇقىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇنى بىلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقان توزلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇيرۇقىنى يايدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى. توز ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ ئورمانلىرى ئارىسىدا ياشايدۇ. ھەر يىلى ئەتىيازدىكى كۆپىيىش پەسلى ئۇلارنىڭ قۇيرۇقىنى ئەڭ كۆپ يايىدىغان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، توزلارنىڭ قۇيرۇقىنى يېيىشى كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىن ئاجرىلىپ چىققان جىنسىي ھورموننىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، جۈپ ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. كۆپىيىش پەسلىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، توزلارنىڭ قۇيرۇقىنى يېيىشى بارا - بارا ئازلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. توزلارنىڭ قۇيرۇقىنى يېيىشى يات جىنىسلارنى جەلپ قىلىشتىن باشقا، دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. توز دۈشمىنىگە بولۇققاندا، دەرھال قۇيرۇقىنى يايىدۇ. بۇ چاغدا يېيىلغان قۇيرۇقتا يوغان - يوغان كۆزلەر نامايان بولىدۇ، بۇنىڭدىن دۈشمەنلىرى نۇرغۇن كۆزلەر ئۆزىگە تىكىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، قورقۇپ يېقىن كېلەلمەيدۇ. دۈشمەندىن بۇنداق مۇداپىئەلىنىش ۋاستىسى قۇشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بىر توپ چۆجىلىرىنى كەينىگە سېلىپ يۈرگەن مېكىيانمۇ ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەندە، دەرھال پەيلىرىنى تىك - تىك قىلىپ دۈشمىنى بىلەن ئېلىشىدۇ. بەزىدە، توز چىرايلىق كىيىنگەن ساھايەتچىلەرنى كۆرسىمۇ قۇيرۇقىنى يايىدۇ. لېكىن بۇ گۈزەللىكتە بەسلىشىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى قىزىل، يېشىل رەڭلەر ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانلىقىدىندۇر. توزنىڭ بۇ چاغدا قۇيرۇقىنى يېيىشى ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە دۈشمىنىدىن مۇداپىئەلىنىشتۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە
توز قانداق ۋاقىتتا قۇيرۇقىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki