بالا ئېمىتىش بىلەن دادىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ناھايىتى نۇرغۇنلىغان دادىلار بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئايالغا ۋە بالىغا خۇددى ھېچقانداق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوقتەك ئۆزىنى يات ئادەمدەك ھېس قىلىشىپ، ئانا - بالا ئىككىيلەننىڭ دۇنياسىغا كىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دائىم ئۆزىنى كۈچلۈك يالغۇزسىراش ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىشىدۇ، ئەجەبا ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش بىلەن دادىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشتا غەلىبە قازىنىشتا دادىنىڭ مېھرى - مۇھەببىتى ۋە كۆيۈنۈشىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بەزى بالىلارغا نىسبەتەن دادىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بولمىسا، ئانا قانداقمۇ خۇشال ئوڭۇشلۇق ھالدا، ئانا سۈتى بىلەن باقالايدۇ؟ دادا بۇ مەزگىلدە ئۆزى ۋە ئائىلىگە ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلىپ، ئانىنى داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە خۇشال بولۇشى ۋە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشى كېرەك.