UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ <جىنسىي> ھەرىكىتىگە قانداق توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ <جىنسىي> ھەرىكىتىگە قانداق توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن گۆدەك بالىلار بەزىدە كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان <جىنسىي> ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. مەسىلەن: كىيىملىرىنى سېلىپ، ئەينەككە قارايدۇ. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يات جىنستىكى كىچىك دوستلىرىنىڭ كۆپىيىش ئورۇنلىرىغا قارايدۇ ياكى قىز بالىلار ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن ئاتا - ئانىلار ناھايىتى گاڭگىرايدۇ ۋە بالا شۇنداق كىچىك تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئەجەبلىنىپ، قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىچىك بالىلارنىڭ بۇنداق قىلىشى بىرخىل قىزىقىش ۋە باشقىلارنى ئاددىي ھالەتتە دوراشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئەھۋالىغا يولۇققاندا، ئاتا - ئانىلار چۆچۈپ كەتمەسلىك، شۇنداقلا بالىلارنى يۇقىرى ئاۋازدا ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. توغرا بولغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسا — تەبىئىي ھەم تىنچ ھالەتتە ۋاقتىدا تىزگىنلەش ھەم بالىغا بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مەن سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن دېيىش، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلارغا ئاددىي بولغان فىزىئولوگىيىلىك سەھىيە بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، بۇنداق ھەرىكەتتە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئاتا - ئانا زورلاپ، مەجبۇرىي ھالەتتە بىر تەرەپ قىلماقچى بولسا، چوقۇم بالا تېخىمۇ بەك قىزىقىشى ياكى قارشى تۇرۇش كەيپىياتىدا بولۇشى مۇمكىن
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ <جىنسىي> ھەرىكىتىگە قانداق توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki