UyghurWiki›نەمە›بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار ئاقسىلنى قانچىلىك مىقداردا تولۇقلىسا بولىدۇ؟
بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار ئاقسىلنى قانچىلىك مىقداردا تولۇقلىسا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاقسىل ماددىسى بولسا ھاياتلىقتىكى ئاساسىي ماددا بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئاقسىلغا بولغان تەلىپى چوڭلارنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ، شۇڭا يېتەرلىك بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بالىلارنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىلى بولسا، ئاقسىل ماددىسى تەمىنلەيدىغان ئومۇمىي مىقدارنىڭ 2/3ئەتراپىدا بولىدۇ، ئاقسىل ماددىسى — ھايۋانات ئاقسىلى ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھايۋانات ئاقسىلى ئۆسۈملۈك ئاقسىلىغا قارىغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ تەلىپىگە ياخشىراق ماس كېلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ. ھايۋانات ئاقسىللىرى ئىچىدە بېلىق، راك قاتارلىقلاردىكى ئاقسىل ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭدىن قالسا توخۇ، ئۆردەك گۆشى، ئۇنىڭدىن قالسا كالا، قوي گۆشى قاتارلىقلاردا ئاقسىل كۆپ، ئۆسۈملۈك ئاقسىللىرى ئىچىدە دادۇر ئاقسىلى ئەڭ ياخشى، سۈپەتلىك ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ. دۇفۇ، دۇفۇ پىشلىقى قاتارلىق پۇرچاقتىن قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى بالىلار ئوڭاي ھەزىم قىلالايدۇ، توخۇ تۇخۇمىمۇ ئىنتايىن ئوڭاي ھەزىم قىلىنىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل بولۇپ، بالىلارغا ناھايىتى مۇۋاپىق. بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى 35 گرامدىن 40 گرامغىچە ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئاقسىلغا بولغان تەلىپى جەھەتتىن ئېيتقاندا، بالىلار ھەر كۈنى 250 لىتىر كالا سۈتى، بىر تال تۇخۇم، 30 گرام ئورۇق گۆش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. يېمەكلىكلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بېلىق، راك قاتارلىقلارنى ئىككى قېتىم، پۇرچاقتىن قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى، ئادەتتە توخۇ، ئۆردەك، كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.