UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن پاتولوگىيىلىك سېرىق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئامىل ۋە يۇقۇملانماسلىق خاراكتېرلىك ئامىل دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئامىل تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى جىگەر ياللۇغى. كۆپىنچىسى زور ھۈجەيرە ۋىرۇسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بالا ھەمراھى ئارقىلىق بالىغا كېلىش ياكى تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. 2. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسېمىيە. كۆپىنچىسى باكتېرىيە كىندىك قىسمىدىن قانغا ئۆتۈپ كۆپىيىشتىن كېلىپ چىققان، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. 3. باشقىلار. سۈيدۈك يول يۇقۇملىنىش، تۇغما بەزگەك قاتارلىقلار. يۇقۇملانماسلىق خاراكتېرلىك ئامىل تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : ① يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئېرىش كېسىلى مەسىلەن: ABO قان ئېرىش. ② ئۆت يولى پۈتەيلىك. يېقىنقى يىللاردا كۆپىنچىسى بالىياتقۇ ئىچىدىكى ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئىسپاتلاندى. ③ باشقىلار. ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللەر (قىزىل قان ھۈجەيرىسى گلۇكوزا 6 - فوسفات دىھىدروگىنازا كەملىك)؛ دورا خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش (ۋىتامىن K3، K4 قاتارلىقلار).
← بارلىق تېمىلار نەمە