ھامىلىدار ئاياللار قانداق ئاياغ كىيىشى كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە قورساق بارغانسېرى يوغىنايدۇ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن بەل، دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ دائىم جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى تۈپەيلىدىن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەل - دۈمبە تېلىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بەل - دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ ئازادە بولۇشى ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار ئاياغ كىيگەندە، ئوتتۇرا پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىشى كېرەك. ئادەتتە ئۈچ سانتىمېتىردىن تۆت سانتىمېتىرغىچە پاشنىسى بار ئاياغلار، پاشنىسى پەس ياكى تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماتېرىيال ئورنىتىلغان ئاياغلار ئەڭ مۇۋاپىق.