نېمە ئۈچۈن توكسوڭتېس بېلىقى بوشلۇقتىكى ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يېيەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيىدىكى ئۆستەڭلەردە رەڭدار كىچىك بىر خىل بېلىقنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ بېلىق سۇدىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدۇ. مانا بۇ <مەرگەن ھايۋان> دەپ نام ئالغان توكسوتېس بېلىقىدۇر.
توكسوتېس بېلىقى ياشايدىغان ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ بويلىرىدا، چىۋىن، پاشا ۋە يىڭناغۇچقا ئوخشاش ھاشاراتلار بەزىدە، سۇدىن ئۆسۈپ چىققان ئوت - چۆپلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىغا قونۇپ ئارام ئالىدۇ. بۇ چاغدا سۇنىڭ ئاستىدىكى توكسوتېس بېلىقلىرى نىشاننى بايقاپ قالغان ھامان ئاغزىنى ئۇچلاپ ھاشاراتقا قارىتىپ سۇ ئوقىنى ئاتىدۇ.
توكسوتېس بېلىقىنىڭ سۇ ئوقى ئېتىش ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بىر مېتىر ئارىلىقتا تەگكۈزۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ھاشاراتلار سۇ ئوقى تەگكەندىن كېيىن سۇ يۈزىگە موللاق ئېتىپ چۈشكەن ھامان، توكسوتېس بېلىقى كاپلا قىلىپ يۇتۇۋېتىدۇ. توكسوتېس بېىقىدا نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ماھارەت بولىدۇ؟ ئەسلىدە، ئۇنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئىلمەك شەكلىدە بولۇپ، تىلى بىلەن چاپلىشىپ بىر ئىستوۋۇلنى شەكىللەندۈرگەنىكەن، ئەگەر ئۇ تىلىنى كۈچەپ يۇقىرىغا ھەرىكەتلەندۈرسىلا، سۇ ئوقى ئېتىلىپ چىقىدىكەن.
ئۆيدە بېقىلىۋاتقان توكسوتېس بېلىقلىرى گەرچە بېلىقداندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ماھارىتىدىن قالمىغان بولىدۇ. بەزىدە، بېشىڭىزنى بېلىقداننىڭ ئاغزىغا ئەكېلىپ قاراپ باقماقچى بولغىنىڭىزدا، توكسوتېس بېلىقى قىلچە يۈز - خاتىر قىلماي يۈزىڭىزگىلا سۇ ئوقىنى ئېتىپ، سىزنى چۆچۈتىۋېتىدۇ.