UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يالغان يوپۇرماقلىق دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىنى يالغان دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن يالغان يوپۇرماقلىق دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىنى يالغان دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن يالغان يوپۇرماقلىق دەرەخ سرىق توز گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ئادەتتە ھويلا - ئاراملارغا ياكى تەشتەككە تىكىپ ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە گۈلى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنى باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، يەنىلا يايپاڭ، كەڭ، يېشىل رەڭلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ يوپۇرمىقى يالغان دېيىلسە، سىرتقى يۈزىدىن ئۇنى پەرقلەندۈرمەك ھەقىقەتەن قىيى. بىراق، ئىنچىكىلەپ قارىسىڭىز يەنىلا چېنىپ تۇرغان جيىنى بايقايسىز. ھەممە ئايانكى، گۈلى ئېچىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى ئۇنىڭ شېخىدىلا ئۆسىدۇ، ھەقىقىي يوپۇرماقتىن گۈل ئۆسۈپ چىقمايدۇ. لېكىن يالغان يوپۇرماقلىق دەرەخنىڭ گۈلى ئۇنىڭ يوپۇرمىقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ يوپۇرماقنىڭ ھەقىقىي يوپۇرماق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا يالغان يوپۇرماق قانداق پەيدا بولغان؟ ئەسلىدە بۇ <يوپۇرماق> لار يالغان يوپورماقلىق دەرەخنىڭ شاخ سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شاخلىرىنىڭ ياپىلاقلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، بوتانىكىدا <يوپۇرماقسىمان شاخ> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقىي يوپۇرماقلىرى بولسا ئۆسۈشتىن توختاپ كىچىكلەپ، تەڭگىسىمان يوپۇرماققا ئايلىنىپ، يالغان يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋىگە چاپلىشىپ ئۆسكەن. يالغان يوپۇرماقلىق دەرەخنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈندۇر. يالغان يوپۇرماقلىق دەرەخنىڭ ئەسلىي يۇرتى ئوتتۇرا دېڭىز بويى رايونلىرىدۇر، ئۇ جاينىڭ كىلىماتى بەك ئىسسىق، قۇرغاق بولۇپ، چوڭ ھەم نېپىز كەلگەن يوپۇرماقلىرىنىڭ سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇشى ناھايىتى كۈچلۈك، بۇ ھال ئۇنىڭ ياشىشىغا ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا ئۇ يوپۇرمىقىنى رودىمېنتلاشتۇرۇپ، تەڭگىسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، شاخ سىستېمىسىدىكى شاخنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى ياپىلاقلاشتۇرۇپ يوپۇرماقسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۇنىڭ سەرپ بولۇشىنى ئازايتىدۇ. بۇمۇ پېتەكگۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى رودىمېنتلاشتۇرۇپ يىڭنىسىمان ھالەتكە كەلتۈرگىنى بىلەن ئوخشاش بىر داۋلىدۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن يالغان يوپۇرماقلىق دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىنى يالغان دەيمىز؟ | UyghurWiki | UyghurWiki