UyghurWiki
UyghurWikiنەمەزۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە قانداق مۇناسىۋەت بار؟

زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە قانداق مۇناسىۋەت بار؟

نېمە ئۈچۈن ياغ بولسا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىلمۇخىل ياغ كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمىنى ئادەم بەدىنى مۇستەقىل ھالدا بىرىكتۈرەلمەيدۇ. چوقۇم تاماق ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك. بۇ زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: يايو كىسلاتا، زىغىر كىسلاتاسى، خاسىڭ ئاراخىرونىك كىسلاتا 22 كاربون ئالتە ئالكىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار. زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، نېرۋا جەۋھەرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ۋە مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىم مۇھىم رول ئوينايدۇ ھەم ھۈجەيرە قېپىنى قوغداشتا مۇكەممەللىككە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلى بولسا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولىدىغان ۋاقىت، يەنى نېرۋا جەۋھەرلىرى شەكىللىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بۇ مەزگىلدە زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن زۆرۈر. بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلىدە دائىم زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ تولۇق بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئاشقازان، ئۈچەي يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ياغ كىسلاتاسىنى سۈمۈرۈشچانلىقى ئازلاپ كېتىدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ، ئەقلىي قابىلىيەتتە كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە قانداق مۇناسىۋەت بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki