ئېرى تاماكا چەكسە تەسىرى بولامدۇ - يوق؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆزى تاماكا چەكمەيدىغان، بىراق ئېرى تاماكا چېكىدىغان ھامىلىدار ئاياللارمۇ ئوخشاشلا زەھەرلىنىدۇ. ئەر تاماكا چېكىپ پەيدا بولغان زەھەرلىنىش ھامىلىدار ئاياللار ئۆزى تاماكا چېكىپ زەھەرلەنگەننىڭ 2/3 قىسمىغا تەڭ. ئەر ھەر كۈنى بىر تال تاماكا چەكسە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنى كۈنىگە ئالتە گرام ئەتراپىدا يېنىكلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەر تاماكا چەكسە، بۇنىڭ ئۆيدىكىلەرگە بولىدىغان زىيانلىق تەسىرى ناھايىتى چوڭ، ساغلام بوۋاق تۇغۇش ئۈچۈن، ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بولغۇسى دادا چوقۇم تاماكا تاشلىشى كېرەك.