ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن شورپىنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىش كېرەك دېگەن سۆز توغرىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئاتا - ئانىلار گۆشنى ئۇزۇن قاينىتىپ، شورپىسىنى ئىچسە، ئوزۇقلۇق مول بولىدۇ، شورپىمۇ يۇمشاق تاماقنىڭ بىرى بولۇپ، بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ ھېس قىلىشىپ، دائىم بالىغا شورپا بېرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان شەكىللىنىپ كەلگەن ئۇقۇشماسلىق، شورپىدىكى ئوزۇقلۇق مىقدارى گۆشنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ 5%~10% ىنى ئىگىلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق يەنىلا گۆشتە. ئەمەلىيەتتە بالا تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، داۋاملىق تۈردە شورپا ئىچسە، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ - دە، بالا كىچىكىدىنلا ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ