UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆي ئىچىدە گۈل بېقىش زادى ياخشىمۇ؟

ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىش زادى ياخشىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە دېرىزە تەكچىسىگە ياكى ئۈستەل ئۈستىگە بىر قانچە تەشتەك گۈل قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە نەچچە ئۈلۈش ھاياتىي كۈچ قوشۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆيدە گۈل باققاندا يەنە ھاۋانى ساپلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئوسمانتۇس گۈلى، شەپەقگۈل قاتارلىقلارنىڭ تارقاتقان خۇش پۇرىقى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە باكتېرىيە يوقىتىش رولىغا ئىگە. ئۈنچەگۈل، نورۇزگۈل قاتارلىقلار زىيانلىق بولغان سىماب پارىنى، جۇخارگۈل ھاۋادىكى گۈڭگۈرتنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ. قىزىلگۈل بىلەن شاھزادىگۈل ئۆي جاھازلىرى، پول قاتارلىقلارنىڭ سىرىدىن تارقىلىدىغان فورمالدېگىد دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زىيانلىق گازنى ۋە كاربون چالا ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ. يېشىل يوپۇرماقلار قۇياش نۇرى ئاستىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا يەنە ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئادەتتە بىر كۋادرات مېتىر جايدىكى يېشىل يوپۇرماق 1.5 گرام كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ ھەمدە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن گۈللەر ئۆسۈش جەريانىدا بىر خىل كۈچلۈك خۇش پۇراق چېچىپ ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ. بىراق، بەزى گۈللەرنىڭ تەركىبىدە مەسىلەن، سۆگەتكۈل، كۈركۈم گۈلى، قىزىل ئېچىلىدىغان سالۋىيە گۈلى، كاككۇكگۈلى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا توكسىن بولىدۇ؛ نەرگىنگۈلى ۋە ياپون رودېيىسىنىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرى تەركىبىدىمۇ توكسىن بار. بۇ خىل گۈللەرنى ئۆستۈرگەندە ئالاھىدەئېھتىيات قىلىش لازىم؛ زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ئۇلارنى خالىغانچە ئۈزسە بولمايدۇ، ئېغىزىغا سالسا تېخىمۇ بولمايدۇ. يەنە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ؛ لېكىن كېچىسى بۇنىڭ ئەكسىچە ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى چىقىرىدۇ شۇڭا ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، كەچقۇرۇنلۇقى گۈللەرنى سىرتقا ئاچىقىۋېتىش لازىم
← بارلىق تېمىلار نەمە