ۋاقىتلىق ئېمىتىش كرزېسى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ۋاقىتلىق ئېمىتىش كرىزىسى يەنە ئانا سۈتىنىڭ ۋاقىتلىق يېتىشمەسلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ھاللاردا بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. ئەسلىدە راۋان چىقىۋاتقان سۈت تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ. ئەمچەكمۇ چىڭقالمايدۇ، سالامەتلىكنى تەكشۈرتسە، ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈنمەيدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئانىلار بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇنداق بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن: بەك چارچاپ كەتسە، مۇھىتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ماسلىشالمىسا ياكى ھەيز ئەسلىگە كەلسە ۋە ياكى بالىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تۇيۇقسىز تېزلىشىپ كەتسە قاتارلىقلار. بۇنىڭ ۋاقىتلىق ھادىسە ئىكەنلىكىگە ئانىلار چوقۇم ئىشىنىشى كېرەك، پەقەت روھىي كەيپىياتنى ياخشىلاپ، ئۆزىگە ئىشەنسە، يېتەرلىك ئارام ئالسا شۇنداقلا سۈتنىڭ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسە داۋاملىق سۈت كېلىدۇ. ھەر قېتىم ئىككى ئەمچەكنى بالىغا ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئېمىتسە، بۇ خىل ھادىسە ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئارىلىقتا كالا سۈتى، سۈت پاراشوكى ياكى باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ. ئېمىزگۈ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ.