UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى پەرقـلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى پەرقـلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشچە، ئەگەر بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا چوڭ توپ بىلەن كىچىك توپنى ئايرىغۇزغاندا، بىر يېرىم ياشتىكى بالىلارنىڭ 20% ى توغرا ئايرىپ بېرەلگەن، ئىككى ياشتىكى بالىلارنىڭ 60% ى، ئىككى ياش تۆت ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ 80% ى توغرا ئايرىپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىر ئاز بالدۇر بولغان بالىلار بىر يېرىم ياش ۋاقتىدىلا شەيئىلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئايرىيالالايدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن كېيىنرەك يېتىلىدىغان بولغاچقا، بەزى بالىلار گەرچە چوڭ - كىچىكلىكىنى ئايرىشنى بىلسىمۇ، بىراق تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بىر ياش ئون ئايلىق بولغان بالىلاردىكى چوڭ - كىچىكلىكنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى بارلىرى 20% نى ئىگىلەيدۇ. ئىككى ياشتا 40% نى، ئىككى ياش تۆت ئايلىق بولغاندا 80% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈچ ياشقا كىرگەندە تولۇق ئايرىپ ۋە تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن باشلاپ شەكىل، رەڭ قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى چوڭلار تېپىپ چىقسا بولىدۇ. چوڭ - كىچىك ئويۇنچۇقلارغا بولسا بالىلار ئۆزى بىر نەرسە دېسە بولىدۇ. مەسىلەن: بىر قاتار سۇلياۋ ئىستاكانلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ ئسىتاكاننىڭ سىرتقى شەكلى، رەڭگى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇشى، پەقەت چوڭ - كىچىكلىكىدە ئازراق پەرق بولسا بولىدۇ. كىچىك ئىستاكاننى چوڭ ئىستاكاننىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بالىغا ئوخشاش بولمىغان ئىستاكاننى پەرقلەندۈرگۈزۈش كېرەك، يەنە ئىستاكانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، بالىدىن <چوڭ ئىستاكاندا سۇ بارمۇ؟ ياكى كىچىك ئىستاكاندا سۇ بارمۇ؟> دەپ سورىسىمۇ بولىدۇ. يەنە ئائىلىدىكى ئاياغلاردىن پايدىلىنىپ، چوڭ - كىچىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇقۇمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى تامغا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنى ئېسىپ، بالىغا چوڭ - كىچىكلىكىنى ئايرىغۇزسا بولىدۇ. بالىغا چوڭ - كىچىك ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە <چوڭ>، <كىچىك> دېگەن سۆزنى ئۆگىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى پەرقـلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki