بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بالىلار يەنە نېمە ئۈچۈن گەپ قىلالمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە بىز بىر ياشقا كىرگەن بالىلارنىڭ <ئاپا> دەۋاتقانلىقىنى، بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە بىر قىسىم ئادەتتىكى بۇيۇملارنىڭ نامىنى دەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر قىسىم ئاددىي جۈملىلەرنى دېيەلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەگەر بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا گەپ قىلمىسا، ئائىلە باشلىقلاردا تۇنجى بولۇپ پەيدا بولىدىغان ئىنكاس <بالىنىڭ تىلىنىڭ چىقىشى كېچىكىپ قالدى، چوقۇم مېڭىسىدە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن> دېگەندىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنى گەپ قىلغۇزىمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم بەلگىلىك فىزىئولوگىيىلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىڭىز كېرەك.
1. ئاڭلاش ئىقتىدارى نورمال بولۇش، بۇ بالىلارنىڭ گەپ قىلالىشىدىكى بىرىنچى باسقۇچ. ئەگەر بالىلار ئەتراپتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا ئامالسىز بولسا، تەبىئىيلا گەپ قىلىشتىن قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم قۇلاق بۆلۈمىگە كىرىپ، بالىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
2. ئاۋاز چىقىرىش سىستېمىسى نورمال بولغان بولۇش. بالىلارنىڭ گەپ قىلالىشى ئۈچۈن نورمال بولغان ئاۋاز چىقىرىش سىستېمىسى، يەنى نورمال بولغان لەۋ، تاڭلاي، تىل، كېكىردەك بولۇشى كېرەك.
3. ئەقلىي ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال بولغان بولۇش. بالىلارنىڭ گەپ قىلالىشى ئاددىي ھالەتتىكى دوراش بولماستىن، بەلكى ئاڭلىغان ئاۋاز ۋە سۆزلەرنى چۈشىنىش ۋە ئاساسىي جەھەتتىن چۈشىنىشكە ئېھتىياجلىق بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشىنىڭ ئاساسى. بالىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىدا بۇ خىل شەرتلەر ھازىرلانمىغان بولسا، بۇ بالىنىڭ گەپ قىلالماسلىقى ياكى تىلنىڭ كېچىكىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىپ، ئەگەر بالىلاردا بۇ جەھەتتە بىنورماللىق ھادىسىسى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.