UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۇخلاش قىياپىتى توغرا بولمىسىمۇ سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۇخلاش قىياپىتى توغرا بولمىسىمۇ سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتە، ئادەمنىڭ ئۇخلاش قىياپىتى ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش، يېنىچە يېتىپ ئۇخلاش ۋە دۈم يېتىپ ئۇخلاش، دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. يېنىچە يېتىش ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىش ۋە سول يېنىنى بېسىپ يېتىش، دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇخلىغاندا يېنىچە يېتىپ ياكى ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، بالىلار ۋە ئايرىم ياشانغانلارلا دۈم يېتىپ ئۇخلايدۇ. ھەر كىمنىڭ ئادىتى ۋە مۇھىت، ھاۋا كىلىمات، ساغلاملىق ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇخلاش قىياپىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىر ئادەم پۈتۈن بىر كېچىدە پەقەت بىرلا ئۇخلاش قىياپىتىنى قوللانمايدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بىر ئادەم ئۇخلاش قىياپىتىنى ھەر كېچىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 - 30 قېتىم ئۆزگەرتىدىكەن. بىردەم ئوڭدىسىغا ياتسا، بىردەم ئوڭ يېنىنى، بىردەم سول يېنىنى بېسىپ ئۇخلايدىكەن. ئىسسىق كۈنلەردە بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۆرۈلۈش بولىدىكەن؛ سوغۇق كۈنلەردە، ئىسسىق يېتىش ئۈچۈن ئۆرۈلۈش ئاز بولىدىكەن. كەچلىك تاماقنى كۆپ يەۋالغانلار ياكى ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەسلەرمۇ كۆپ ئۆرۈلىدىكەن. ئۇخلاش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇزاققىچە بىر خىل قىياپەت بىلەن يېتىشتىن كېلىپ چىققان مۇسكۇللارنىڭ چارچىشىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن. ياخشى ئۇخلاش قىياپىتى جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ھارغىنلىقنى يوقىتىشقا پايدىلىق. ناچار ئۇخلاش قىياپىتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالىلار ۋە چوڭلار ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىساياخشى، چۈنكى ئادەملەرنىڭ يۈرىكى كۆكرەك قەپىسىنىڭ سول تەرىپىدە، ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىش يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە، يۈرەكنىڭ خىزمىتىگە ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق. بوۋاقلارنىڭ باش سۆڭىكى تېخى يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئەگەر داۋاملىق بىر تەرىپىنى بېسىپ ئۇخلىسا، ۋاقىت ئۇزارغاندىلا ئاسانلا <مايماق باش> ياكى <ياپىلاق باش> بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا بالىلاردا ئاسانلا ئىچكى ياكى تاشقى ئالىغايلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بوۋاقلارنى ئۇخلاتقاندا چوقۇم بېشىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. يەنە بەزى بالىلار پاقىدەك ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق ئۇخلىغاندا كۆكرەك بېسىلىپ، يۈرەك قاتارلىق ئورگانىزملارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، يۈرەك، ئۆپكىلەرنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە