UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتېلېفون قانداق ئىشلەيدۇ؟

تېلېفون قانداق ئىشلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مەملىكىتىمىزنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىدە، ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك تېلېفون بار. سىز تېلېفون ئورناتقان بولسىڭىز، باشقا جايلاردىكى ساۋاقداشلىرىڭىز ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن ئەھۋاللىشالايسىز، پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. تېلېفوندا سۆلىشىش، يۈز تۇرانە سۆزلەشكەنگە ئوخشاش ئىنتايىن قۇلايلىق. ئۇنداقتا، تېلېفون قانداق ئىشلەيدۇ؟ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىدا بىر تەۋرىنىش پەردىسى بولىدۇ، سىز سۆزلىگەندە، تەۋرىنىش پەردىسى ئاۋازغا ئەگىشىپ تەۋرەيدۇ. تەۋرىنىش پەردىسىنىڭ ئەتراپىدا بىر پارچە ئېلېكتروماگنىتلىق تۆمۈر بولۇپ، تەۋرىنىش پەردىسى تىترىگەندە، ماگنىت مەيدانى بىلەن ئېلېكتر ئېقىمىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئۆزگەرگەن ئېلېكتر ئېقىمى تېلېفون سىمى ئارقىلىق سىرتقا تارقىلىدۇ. قارشى تەرەپتىكى تېلېفونغىمۇ مۇشۇنداق قۇرۇلما ئورنىتىلغان، ئۇ قۇرۇلما ئېلېكتر ئېقىمىنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دوستىڭىز گېپىڭىزنى ئاڭلىيالايدۇ. تېلېفون 1876 - يىلى شوتلاندىيىلىك ئالىكساندىر بېل تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، تېلېفون ئارقىىق ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. دەسلەپتە، ئوخشاش بىر رايوندىكى كىشىلەرلا ئۆز ئارا تېلېفوندا سۆزلىشەلەيتتى، ھازىر، تېلېفون لىنىيىسى ئېلېكتر كابېلى ۋە ئوپتىكىلىق كابېل ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز ئاستىغىچە سوزۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيانى تۇتاشتۇردى، پۈتكۈل تېلېفون سىستېمىسىغا يەنە سىمسىز خەۋەرلىشىش قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، باشقا - باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ خالىغان ۋاقتىدا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئارقىلىق ئالاقە قىلالايدىغان بولدى. ئەڭ دەسلەپكى تېلېفون تورى ئادەم كۈچى بىلەن ئۇلىناتتى، يەنى تېلېفونست سۆزلەشمەكچى بولغان ئىككى تەرەپنىڭ لىنىيىسىنى ئۇلاپ بېرەتتى؛ ھازىر، تېلېفون ئالاقىسى كومپيۇتېر ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان بولدى. تېلېفون تورى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن سۆزلىشىش تېخىمۇ قۇلايلىق، تېخىمۇ تېز، تېىىمۇ راۋان، ئاۋاز تېخىمۇ سۈزۈك ئاڭلىنىدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە