دادا تاماكا تاشلاش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
دىيارىمىزدا تاماكا چېكىدىغان ئەرلەر بىر ئاز كۆپ، يەنى ئانا بىلەن بالا دائىم پاسسىپ تاماكا چەككۈچىلەر قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ. پاسسىپ تاماكا چېكىشنىڭ خەتىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا چېكىدىغانلاردىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىز ئانىلارنىڭ ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە بەدىنى ئالاھىدە ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئوڭايلا پاسسىپ تاماكا چېكىشنىڭ خەتىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، بىز ھەتتا ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدىمۇ تاماكا چەكمەسلىك توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۆرىلىپ، تاكى تۇغۇلغانغا قەدەر ئىس - تۈتەكسىز مۇھىتقا موھتاج بولىدۇ، دادا يالغۇز تاماكىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئايالىغا ئىس - تۈتەكسىز مۇھىت ھازىرلاپ بېرىپ، ئائىلىسىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ تاماكا چېكىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.