UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ ئېمىش شەكلىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟

بالىنىڭ ئېمىش شەكلىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا توغرا ئېمىش شەكلىنى ئىگىلەپ كېتەلمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى تۇنجى قېتىم ئەمگەندە ئانىنىڭ توغرا يېتەكلىگەن - يېتەكلىمىگەنلىكىدە. بالىنىڭ ئېمىش شەكلىنىڭ توغرا بولماسلىقى ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاغرىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بالىنىڭ ئېمىش قىياپىتى توغرىمۇ - ئەمەسمۇ؟ بالا قانداق ئېمىۋاتىدۇ؟ دېگەنلەرنى تۈزىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بالىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراش بېسىمىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئەمچەك دېغىغا يۆتكەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر بەختكە قارشى ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئۇچىدا گورىزونتال ھالەتتىكى قىزىل رەڭلىك يول - يول سىزىقلار ياكى ئىز بولسا، بۇ بالىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى چىشلىۋالغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بالىنى قۇچىقىڭىزدىن ئايرىپ، قايتىدىن ئەمچەك توپچىسى ئاغرىمىغانغا قەدەر ئېمىتسە ئاندىن توغرا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىنىڭ ئېمىش شەكلىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki