UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رېفلېكىسىنى قانداق تەكشۈرىمىز؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رېفلېكىسىنى قانداق تەكشۈرىمىز؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رېفلېكىسىنى تۆۋەندىكىدەك مۇۋاپىق ئۇسۇللاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز: 1. ئوزۇقلىنىش رېفلېكىسى. بارماق ياكى ئەمچەك توپچىسى بوۋاق يۈزىنىڭ بىر تەرىپىگە تەگكۈزسەك، نورمال ئەھۋالدا، بوۋاق بېشىنى رېفلېكس خاراكتېرلىك شۇ تەرەپكە بۇرايدۇ. 2. ئېمىش رېفلېكىسى. بارماقنى بوۋاق ئېغىزىغا ئىككى سانتىمېتىردىن ئۈچ سانتىمېتىرغىچە كىرگۈزسەك ياكى لېۋىگە بوش تەگكۈزسەك، بوۋاقنىڭ ئېغىزىدا تەرتىپلىك ئېمىش ھەرىكىتى كۆرۈلىدۇ. 3. قۇچاقلاش رېفلېكىسى. بوۋاقنى كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ باش تەرىپىنىڭ مەلۇم قىسمىغا قاتتىق ئۇرغاندا ياكى بوۋاقنىڭ باش، بوينىنى كارىۋات قىرىدىن سەل چىقىرىپ قول بىلەن چىڭ تىرەپ، ئاندىن بوۋاقنىڭ بېشىنى تۇيۇقسىز 10 ~ 15 گرادۇس تۆۋەنلەتكىنىمىزدە نورمال ئەھۋالدا، بوۋاق ئىككى بىلىكىنى ئېچىپ، سوزۇپ، كەينىدىنلا ئېگىپ ئىچىگە يىغىپ قۇچاقلىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. 4. سىقىمداش رېفلېكىسى. بارماقنى بوۋاقنىڭ ئالىقىنىغا تەگكۈزگىنىمىزدە، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاق بارماقلىرىنى ئېگىپ، سىقىمدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ لېكىن چىڭ تۇتالمايدۇ. نورمال ئەھۋالدا، تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىپ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاقلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك رېفلېكىسلار بارا - بارا يوقايدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى ھامىلە يېشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھامىلە يېشى قانچە كىچىك بولسا يۇقىرىدىكى رېفلېكسلار شۇنچە تەستە كۆرۈلىدۇ ياكى مۇكەممەل بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رېفلېكىسىنى قانداق تەكشۈرىمىز؟ | UyghurWiki | UyghurWiki