تۇغما يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانسەۋەبلەر قايسىلار؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغما يۈرەك كېسىلى ھامىلە مەزگىلىدە يۈرەك قان تومۇرلىرى نورمالسىز يېتىلىشتىن غەيرىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسىلى. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ كېسەل تۇغۇلۇپ بىرىنچى يىلىدا يۈز بېرىش نىسبىتى 0.69% ئەتراپىدا بولىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تېخى پۈتۈنلەي ئېنىق بولغىنى يوق. ھازىرچە ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىل دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىچكى ئامىل ئاساسلىقى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپمۇ خروموسوزوما (بويالغۇچى تەن) يەنى 21 - تروزومىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، 18 - تروزومىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلار؛ تاشقى ئامىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى بالىياتقۇ ئىچىدىكى يۇقۇملىنىش. مەسىلەن: سوغان ۋىرۇسى، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋىرۇسى، كوكسساككى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھامىلىدار ئايال كۆپ مىقداردىكى رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىش، مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مەسىلەن: دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلار، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزىبىر دورىلارنى ئىشلىتىش مەسىلەن: راكقا قارشى دورىلار قاتارلىقلار، بۇ تاشقى ئامىللارنىڭ بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ھامىلىگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ.