نېمە ئۈچۈن ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشنىڭ زىيىنى كۆپ دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن
ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ تولىمۇ ئاچ كۆز ئىكەنلىكىدىن، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى كۆرگەن ھامان ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالىدىغانلىقىدىن، بىرەرنى يېگەنگە بولدى قىلمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى ئارتۇق يېيىش بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ئالدى بىلەن ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە بالىلارنىڭ نورمال بولغان تاماق جەريانىدا تەبىئىيلا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ كېتىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ناھايىتى ئوڭايلا تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئاساسلىق يېمەكلىككە قەتئىي سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئارتۇق يېگەندە، بالىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قانۇنسىز زاۋۇتلاردا، كوچىنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىدا سېتىلغان ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرگە خىلمۇخىل خۇرۇچلار قوشۇلغاندىن سىرت، مەھسۇلات سۈپىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر دائىم بۇ خىل يېمەكلىكنى يېگەندە، بالىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىدۇ، ھەتتا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.