بالىلارنىڭ دەسلەپكى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
تۆت ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتى بىۋاسىتە ھەرىكەت تەپەككۇرىدىن كونكرېت ئوبراز تەپەككۇرىغا ئۆتىدىغان دەۋرىدىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىتتا مەقسەتلىك ھالدا بالىلارغا شەيئىلەرنى تۈركۈملەرگە ئايرىش مەشىقىنى ئېلىپ بېرىشمۇ بالىنىڭ شەيئىلەر سۈپىتىگە بولغان تونۇشىنى چېنىقتۇرۇشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك يول ھەم بۇ، بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئابستراكت لوگىكىلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. تۈرگە بۆلۈش مەشىقىنى ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش ئىچىدىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئائىلە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر ياكى بالىنىڭ ئويۇنچۇقى قاتارلىقلارنى رەتلەپ، ئاندىن بۇنداق قويۇشنىڭ سەۋەبىنى بالىغا ئېيتىپ بەرسە، بالىدا بۇرۇنلا تۈرگە ئايرىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن: ئىشلىتىش ئورنى كىمگە تەۋە، قويىدىغان يەر ۋە رەڭگى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بالا بىلەن بىرلىكتە تۈرگە ئايرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاللىقاچان رەتلىك قىلىپ دۆۋىلەپ قويغان كىيىمىڭىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئانا، دادا، بالا يەنە قايتا دۆۋىلىسىڭىز، بالا نەدە قويۇشنى پەرق ئېتەلەيدۇ ھەم ئۆزى ئوبدان قىلىپ كېتەلەيدۇ. ئەلۋەتتە شەيئىلەرنى تۈرگە ئايرىشتا شەيئىلەرگە بولغان توغرا تونۇش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، بالىلاردا مول بولغان بىلىمنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە بالىغا كۆپ خىل نۇقتىدا تۇرۇپ تۈزىتىشنى ئۆگىتىش ۋە خىلمۇخىل سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق شەيئىلەرنى تونۇش ئارقىلىق شەيئىلەرگە نىسبەتەن تەھلىل ۋە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئويۇن جەريانىدىمۇ بالىنىڭ تۈرگە ئايرىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: <مەن نەگە بېرىپ سېتىۋالىمەن> دېگەن ئويۇندا، ئانا پرىكازچىكنىڭ رولىنى ئالسا، بالا خېرىدارنىڭ رولىنى ئالسا، دىئالوگ ۋە تېپىشماق شەكلى ئارقىلىق، بالا ماگىزىندىكى تۈرگە ئايرىش سىستېمىلىرىنى چۈشىنىۋالالايدۇ. بەزىبىر نەرسىلەرنى ھەم شۇنداقلا بىر قانچە خىل ماگىزىندىن سېتىۋالالايدۇ. مەسىلەن: دورا بۇيۇملىرى ساتىدىغان دۇكاندىن دورا، تۈرلۈك ماللار دۇكىنى، تاللا بازىرى، كىيىم - كېچەك دۇكىنى قاتارلىقلاردىن كىيىم سېتىۋالالايدۇ. بالىلارنىڭ تۈرلەرگە ئايرىشنى ئۆگىنىشى ئۆز بەدىنىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن بولىدۇ. بالىلارنىڭ تۈرلەرگە ئايرىش ئەھۋالىنى — تۈرگە ئايرىلالماسلىق، سەزگۈ ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ تۈرگە ئايرىش، تۇرمۇش مەنزىرىسىگە تايىنىپ تۈرلەرگە ئايرىش، رولىغا تايىنىپ تۈرلەرگە ئايرىش ۋە ئۇقۇمغا تايىنىپ تۈرلەرگە ئايرىش دېگەندەك بەش خىل ئەھۋالىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بالىنىڭ تۈرگە ئايرىش ئىقتىدارىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاستا - ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.