نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتى باشتا قارا رەڭدە كېلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاي - كۈنى توشقان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ھامىلە تەرىتى چىقىرىدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلار ھامىلە تەرىتى ئازراق شەكىللەنگەنلىكتىن ھەمدە ئۈچەي ھەرىكىتىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ھامىلە تەرىتى چىقىرىش ۋاقتى دائىم كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، ھامىلە تەرىتى قارامتۇل يېشىل رەڭدە، يېپىشقاقراق، سېسىق پۇرىقى يوق كېلىدۇ. ئاساسلىقى ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئۈچەي يول ئاجراتما ماددىلىرى ئۈچەي يولى شىللىق پەردىلىرىدىن تۆكۈلگەن ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرى بىلەن ھامىلە بالا ھەمراھىدا يۈتۈۋالغان باش سۈيى ھەم ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىدىن شەكىللەنگەن. ھامىلە تەرىتى ئادەتتە كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئۈچ كۈندىن تۆت كۈن ئىچىدە چىقىرىلىپ بولىدۇ. ئەگەر ئاي - كۈنى تولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ھامىلە تەرىتى چىقىرىلمىسا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغما ھەزىم قىلىش يولى غەيرىيلىكى بار - يوقلۇقىنى ئويلىشىش، دوختۇرغا تەپسىلىي تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش كېرەك.