نېمە ئۈچۈن ئۆيدە ھايۋان باققاندا تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ھايۋاناتلار ئىنسانلارنىڭ دوستى، ئائىلىدە ئىت، مۈشۈككە ئوخشاش كىچىك ھايۋانلارنى بېقىش ئادەملەرنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تۇرمۇش كۆڭۈللۈك بولىدۇ، جىددىي رىتىم ئاستىلايدۇ، سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ ۋە باشقىلار. لېكىن، ھايۋان باققاندا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىت ئادەملەر ھەممىدىن بەك كۆپ باقىدىغان ھايۋان. ئەگەر ئىت غالجىر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، تاتىلىۋېلىش، يالىۋېلىش ياكى چىشلىۋېلىش ئارقىلىق غالجىرلىق كېسىلىنى ئىنسانلارغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئادەمنى غالجىر ئىت چىشلىۋالسا، ئادەتتە ئىككى - ئۈچ سائەتتىن كېيىن كېسەللىك قوزغىلىدۇ، ئۆلۈش نىسبىتى 100% بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر غالجىر ئىت چىشلىۋالغانلىقى سېزىلسە، دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، يارا ئېغىزىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ تازىلاش ھەم غالجىر ئىت ۋاكسىنىسى ئۇرۇش كېرەك.
مۈشۈكمۇ كىشىلەر كۆپ باقىدىغان بىر خىل ھايۋان. ئۇ يايسىمان قۇرت كېسىلىگە ھەممىدىن ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. بۇ ئادەممۇ، ھايۋانمۇ گىرىپتار بولىدىغان پارازىت قۇرت كېسىلى. ھامىلدار ئاياللار بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە غەيرىيلىك پەيدا بولىدۇ، مېڭىگە سۇ چۈشۈش، كىچىك مېڭىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، كەم ئەقىل بولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ ھەم ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇشى ياكى ئۆلۈك تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
باشقا بەزى ھايۋانلار، مەسىلەن، شاتۇتى <تۇتى قۇش قىزىتمىسى> تارقىتىدۇ؛ كەپتەر ئۆپكە كېسىلىنى تارقىتىدۇ ۋە باشقىلار. شۇڭا، ئۆيدە ھايۋان باققاندا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، پات - پات تازىلاپ، سۇنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش؛ ھايۋاناتلارنى دائىم يۇيۇندۇرۇش، ئاپتاپقا سېلىش، ھايۋانغا قەرەللىك ھالدا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرۇش؛ ئادەتتە ھايۋانلارنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، نورمالسىز ئەھۋال كۆرۈلگەن ۋاقتىدا داۋالىنىش، باشقا ھايۋانلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغۇزماسلىق كېرەك.