بالىلىق دەۋر دېگەن نېمە، ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلىق دەۋر بولسا بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ، بالىلىق دەۋرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1. ئوزۇقلۇق ئالاھىدىلىكى: بۇ مەزگىلدە بالا ئاللىقاچان ماڭالايدىغان ۋە يۈگۈرەلەيدىغان بولۇپ، ھەرىكەت مىقدارى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپىيىدۇ. شۇڭا، ئوزۇقلۇققا بولغان تەلەپمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ، پەقەت ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا، بالىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق بېرىش ئۇسۇلىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. لېكىن بالىدا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىككە ئامراق بولۇپ قېلىش ۋە تاماق تاللاش ئادىتىنىڭ شەكىللىنىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. بەدەن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش ئالاھىدىلىكى: بالىلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، قەدەم ئېلىشنىڭ مۇستەھكەملىكى يۇقىرىلايدۇ. شۇڭا ماڭالايدۇ، يۈگرەلەيدۇ، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقان شەيئىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، تىلىنىڭ چىقىشىمۇ تېزلىشىدۇ، رەسىم كۆرۈشكە، ھېكايە ئاڭلاشقا، بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىشقا ئامراق بولۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئېچىلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارغانسېرى كۆپىيىپ، يىقىلىش، يارىلىنىش، يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر ئاسانلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بالىغا قاراشنى كۈچەيتىش كېرەك.