نېمە ئۈچۈن تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى تاغقا چىققاندا ئۈنلۈك توۋلىسا بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تاغقا چىقىش مۇسابىقە خاراكتېرى كۈچۈك، ئىنتايىن خەتەرلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى، ئېگىز تاغقا چىقىش جەريانىدا تەنھەرىكەتچىلەر دائىم قار كۆچۈش دېگەندەك قورقۇنچلۇق ھادىسىگە يولۇقىدۇ. قار كۆچكەندە تاغدىكى يىغىلىپ قالغان قارلار تىك تاغ ئېتىكىنى بويلاپ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە غۇلايدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان تاشلارنى ئېلىپ ماڭىدۇ، ئەگەر تەنھەرىكەتچىلەر ئېگىز تاغقا چىققاندا ئۈنلۈك توۋلىسا قارا كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق بولىدۇ؟
قارلىق تاغ چوققىسىنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قېلىن قار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۈستىدىكى قار خۇددى قېلىن يوتقاندەك ئاستىدىكى قارنى بېسىپ تۇرغاچقا، ئاستىدىكى ئىسسىقلىق تارقىلالمايدۇ. شۇڭا، قار ئاستىدىكى تېمپېراتۇرا قار ئۈستىدىكى تېمپېراتۇرىدىن 10 - 20 سېلسىيە گرادۇس يۇقىرى بولىدۇ. قار ئاستىدا سۇ بولسا ئۈستىدىكى قارا - مۇزلار ھەر ۋاقىت گۈمۈرلۈپ چۈشۈشى مۇمكىن. ئادەملەر ئۈنلۈك توۋلىغاندا ئوخشاش بولمىغان چاستوتىدا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىدۇ، بۇ ئاۋاز دولقۇنلىرى تاغقا يەتكەندە قار قاتلىمىنى تىتىرىتىدۇ. ناۋادا بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى دەل قار قاتلىمىدا بار تىترەش چاستوتىسىغا تەڭ ياكى يېقىن بولسا، رېزونانس شەكىللىنىپ، قارنى كۈچلۈك تىترىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قار تاغدىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قار كۆچۈش پەيدا قىلىدۇ.
قار كۆچۈش تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان قار كۆچۈش ھاۋانى تېز سۈرئەتتە ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇرلاپ، <قار كۆچۈش بورىنى> شەكىللەندۈرىدۇ. قار كۆچۈش بورىنى كۆچكەن قاردىن يىراق جايدا بولسىمۇ بۇزغۇنچلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى ئېگىز تاغقا چىققاندا ئۈنلۈك توۋلىماسلىق قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى لازىم.