UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۈت چىقمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

سۈت چىقمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئاساسەن سۈت چىقىدۇ، ناھايىتى كۆپ كىشىلەر سۈت چىقمىسا بالىنى نېمە بىلەن بېقىش كېرەك دېيىشىدۇ. شۇڭا، كۆپىنچە ھاللاردا ئاۋۋال سۈت تەييارلاپ قويۇپ. بالا يىغلاپ كەتسە، ئاۋۋال كالا سۈتى بىلەن بالىنى ئېمىتىپ، سۈت كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بالىنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىدا سۈت توغرىسىدا خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئانىنىڭ سۈتىنىڭ ئاجرىتىلىشىغا تەسىر يېتىپ، ئەسلىدە سۈت چىقاي دېگەن بولسىمۇ، ناھايىتى تەسلىكتە سۈت چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى سۈتنىڭ پەيدا بولۇشى نېرۋا ۋە ھورمۇنلارنىڭ تەڭشەپ كونترول قىلىشى ئارقىلىق بولىدۇ، بالا ئەمچەكنى شورىغاندا، سۈت چىقىدىغان ئەمچەكتىكى ئەمچەك توپچىسى ئورنىدىكى نېرۋا ئازراق غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، چوڭ مېڭىدىكى سۈت ئاجرىتىش مېڭە ئاستى بېزىغا دەرھال ئەمچەككە سۈت يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى سىگنالنى بېرىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۈت پەيدا بولىدۇ، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۈچى ئاز ھەم ئانىنىڭ سۈت بەزلىرى تولۇق ئېچىلمىغاچقا، ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش يولى شەكىللەنمەيدۇ. شۇڭا، بالا ئەمگەندە ناھايىتى كۈچەپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. بىراق، شوراۋەرسە سۈت بەزلىرى ئىچىلىدۇ، سۈتمۇ ئوڭۇشلۇق چىقىدۇ. شۇڭا، دەسلەپتە باشلانغاندا سۈت چىقمىسا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم بالىنى ئېمىتىشنى رەت قىلماسلىق كېرەك. بالىنىڭ شورىشى (ئېمىشى) سۈت كېلىشتىكى مۇھىم ھالقا
← بارلىق تېمىلار نەمە