ئانا سۈتىنىڭ تەركىبى ئۆزگەرمەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى كىشىلەر ئانا سۈتى تەركىبىدە شۇنچە كۆپ ئوزۇقلۇق بولغاندىكىن نېمە ئۈچۈن تاكى بالا ئەمگىلى ئۇنىمىغىچە ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز؟ دېيىشىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ خىزمىتى بالىنى ئۇزاق مۇددەت ئېمتىشكە يار بەرمەيدۇ، ئاخىرقى دەۋردىكى ئانا سۈتى بىر ياشتىن كېيىنكى بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. ئانىنىڭ كۆزى يورۇپ بەش كۈن ئىچىدە چىققان سۈت ئوغۇز سۈت دېيىلىدۇ. بەش كۈندىن ئون كۈنگىچە چىققان سۈت ئۆتكۈنچى سۈت دېيىلىدۇ، ئون كۈندىن كېيىن چىققان سۈت پىشقان سۈت دېيىلىدۇ. ئون ئايدىن كېيىن ئاجرىتىلىپ چىقىرىلغان سۈت ئاخىرقى سۈت دېيىلىدۇ، ئوغۇز سۈت قويۇق سارغۇچ بولۇپ، ماي تەركىبى ئاز. ئاقسىل مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئىممۇنىتېتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاقسىل ماددىسىنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتى بىلەن قانغا كىرىشنى توسۇيدۇ. زىيادە سېزىم ئىنكاسىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ فوسفور، ناترىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن E تەركىبى يۇقىرى. بىراق، ئۆتكۈنچى سۈت ۋە پىشقان سۈتنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاقسىل ماددىسى ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنىڭ مىقدارى بارغانسېرى ئازلايدۇ. ئاخىرى سۈتتىكى تەركىبلەر بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىمۇ بارغانسېرى ئازلايدۇ. بوۋاقنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى خىلمۇخىل بولىدۇ، پەقەت سۈتكە تايىنىپلا يېتىلىشتىكى تەلەپلەرنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ دائىم دەيدىغان ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش دېگىنىمىزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ سەۋەبى.