UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن جاۋجۇ كۆۋرۈكىگە 1000 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتمىگەن؟

نېمە ئۈچۈن جاۋجۇ كۆۋرۈكىگە 1000 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتمىگەن؟

نېمە ئۈچۈن جاۋجۇ كۆۋرۈكى يەنە ئەنجى كۆۋرۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىرقى خېبىينىڭ جاۋشىيەن ناھىيىسىگە جايلاشقان. ئۇ بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرىكى سۈي سۇلالىسىنىڭ كەيخۇاڭ يىللىرىدا ياسالغان بولۇپ، 1000 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتمەي ناھايىتى پۇختا تۇرغان، بۇ دۇنيا كۆۋرۈك ياساش تارىخىدىكى بىر مۆجىزە. جاۋجۇ كۆۋرۈكى تاق تۆشۈكلۈك تاش ئەگمە كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 82.50 مېتىر، ئىككى قاش ئارىسى 02.37 مېتىر كېلىدۇ. لايىھىلىگۈچى لى چۈن <تەكشى ئەگمە> شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ يانتۇلۇقى بىر قەدەر كىچىك، كۆۋرۈكنىڭ ئاستى، ئۈستىدىكى يول بىر قەدەر تەكشى. جاۋقۇ كۆۋرۈكى <كەڭ يەلكىلىك> ئەگمە كۆۋرۈك بولۇپ، ئىككى تەرىپىدىكى <مۈرە> قىسمى بىر قانچە كىچىك <كۆۋرۈك سۈڭگۈچى> دىن تۈزۈلگەن. كەڭ يەلكىلىك ئەگمە كۆۋرۈك نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە:<كەڭ يەلكىلىك> بۇلۇشى كۆۋرۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتكەن بولۇپ، كۆۋرۈك ئاساسىغا چۈشىدىغان بېسىم كۈچىنى ئازايتقان. كۆۋرۈك ئاساسىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى ئاستىلاتقان؛ كەڭ يەلكىلىك تۈزۈلۈش يەنە كەلكۈن پەسىلىدە كەلكۈننى راۋان ئۆتكۈزۈپ، كەلكۈننىڭ كۆۋرۈككە سوقۇلۇش كۈچىنى ئاجىزلاتقان؛ بۇ خىل تۈزۈلمىدە يەنە كۆۋرۈك ياساشقا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى تېجەپ قالغىلى، قۇرۇلۇش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. جاۋجۇ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي كۆۋرۈك ئەگمىسى 28 قاتار تىزىلغان غايەت چوڭ تاشنى قوپۇرۇشتىن ياسالغان بولۇپ، جەمئىي 1204 پارچە تاش ئىشلىتىلەن. ئەگمىنىڭ ئۈستىگە توققۇز تال تۆمۈر تاياقچە توغرىسىغا قويۇلۇپ، ئەگمىنىڭ ئۈستى مۇستەھكەملەنگەن. ئەگمە تاشلار تۆمۈر تۇرۇم بىلەن ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇلغان، كۆۋرۈكنىڭ تاشقى يېنى ئالتە ئىلمەك تۇتاشتۇرغۇچ تاش بىلەن چىڭ تارتىلغان. جاۋجۇ كۆۋرۈكى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كۆۋرۈك قۇرلۇشى تارىىخدىكى مەشھۇر ئەسەر، دۇنيا كۆۋرۈكچىلىك تارىخىدىكى پارقىن نامايەندە. ⅡⅩ - ⅤⅩ ئەسىرلەردە ياسالغان ياۋرۇپادىكى بىر نەچچە داڭلىق تاش ئەگمە كۆۋرۈكلەر بۇزۇلۇپ ئىزىمۇ قالمىغان، ئەمما جاۋجۇ كۆۋرۈكى بۈگۈنگىچە ناھايىتى مۇستەھكەم تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار نەمە