فىزىئولوگىيىلىك ئىچ سۈرۈش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. ئىپادىسى چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، كۈنىگە تۆت قېتىمدىن يۇقىرى، سېرىق رەڭلىك سۇيۇقراق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىدۇ. تەركىبىدە قان، يىرىڭ بولمايدۇ. لېكىن بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى، روھىي ھالىتى ياخشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خىل ئىچى سۈرۈش فىزىئولوگىيىلىك ئىچى سۈرۈش دېيىلىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك ئىچى سۈرۈشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەت ئەمەس، ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى بارا - بارا نورماللىشىدۇ.