UyghurWiki
UyghurWikiنەمەزۇكام< نىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

زۇكام< نىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن زۇكام كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى ئانا سۈتىدە بېقىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقتىدا مۇۋاپىق يېمەكلىك بېرىپ، ياخشى بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يەنى تاماق تاللاش قاتارلىق ناچار ئادەتلەردىن ساقلىنىش، تولۇق ۋە يېتەرلىك بولغان ئوزۇقلۇق ئارقىلىق راخىت كېسىلى ياكى ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، بەدەننى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. ئۇنىڭدىن سىرت، بوۋاقنى كۈتۈشتە شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، زۇكامداپ قالغانلار يوقلاپ كىرىپ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش، بوۋاقنى ئادەم كۆپ بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار. ئاللىبۇرۇن زۇكامداپ بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىش. مەسىلەن: ۋاقتىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈش، ۋاقتىدا تېمپېراتۇرا چۈشۈرۈش ئاماللىرىنى ئىزدەش، يېمەكلىكىگە ئاسان ھەزىم بولىدىغان نەرسىلەرنى بېرىش قاتارلىقلار. قىسمەنلىرىگە بۇرۇنغا دورا تېمىتىش ئۇسۇلى بىلەن بۇرۇن پۈتۈشنى پەسەيتىش بىلەن بىللە زۇكام دورىسى بېرىش، ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچكۈزۈش، ئەگەر باكتېرىيە بىلەن بىرىكىپ يۇقۇملاندۇرغاندا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى بېرىپ داۋالاش لېكىن كونكرېت داۋالاش ئۇسۇلىنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە دوختۇر بەلگىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە