قايسى يېمەكلىكلەر بوۋاقلار ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن:
1. ئانا سۈتى: ئانا سۈتى تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولۇپ، ئەڭ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئامىنو كىسلاتاسى ۋە لاكتوزا (سۈت قەنتى) نىڭ مىقدارىمۇ بىر قەدەر كۆپ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاق چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.
2. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر: توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدىكى ئاقسىل ئىنتايىن سۈپەتلىك بولۇپ، تۇخۇم سېرىقىدىكى لېتسىتىن ئاتسېتىل خولىننىڭ شەكىللىنىشىگە قاتنىشىدۇ. ئاتسېتىل خولىن بولسا بىر خىل نېرۋا ئۆتكۈزگۈچ ئارىلىق ماددىسى بولۇپ، بوۋاق ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇخۇم سېرىقىدا تۆمۈر، فوسفور بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ياردىمى بار.
3. بېلىق تۈرىدىكىلەر: بېلىق تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل مەسىلەن: گلوبۇلىن (شار ئاقسىل)، ئالبۇمىن (ئاق ئاقسىل) قاتارلىقلار، يەنە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ھەمدە كالتسىي، تۆمۈر، ۋىتامىن B2 قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار.
4. كۆكتات، مېۋە - چېۋە ۋە قۇرۇق مېۋىلەر: ئۇلارنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار. تۇرمۇشتا، بوۋاق بالىلارغا دائىم يۇقىرىدىكى يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، بۇ يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى، چوڭ مېڭىنىڭ ئېچىلىشى، مېڭە نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇقتىن ساقلىنىشى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.