يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەكلى مەڭگۈ ئۆزگەرمەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىر قانچە مىڭ يىللار ئىلگىرى، قەدىمكى زاماندىكى كىىشلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلار تەشكىل قىلغان ھەر خىل شەكىللەرگە ئاساسەن، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى بىر مۇنچە يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئايرىغان. مەسىلەن، چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى چوڭ چۆمۈچ يۇلتۇزى (يەتتە قاراقچى) نىڭ شەكلى چۆمۈچكە ئوخشىشىدۇ، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەكلى جەڭگىۋار ئوۋچىنىڭ تۇرقىغا ئوخشىشىدۇ، ۋەھاكازالار. بۇ يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ شەكلى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بىر قانچە مىڭ يىللار مابەينىدە ئازراقمۇ ئۆزگەرگەندەك قىلمايدۇ. يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەكلى راستتىنلا مەڭگۈ ئۆزگەرمەمدۇ؟
يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى تەشكىل قىلدىغىنى نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ھەرىكەت قىلماي جىمجىت تۇرامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىز كۆرۈپ تۇرغان قۇياش بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، ئۇمۇ جىمجخت تۇرمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل قۇياشنىڭ سىستېمىسىغا باشچىلىق قىلىپ سېكۇنىتىغا 220 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن سامانيولى سىستېمىسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. باشقا تۇرغۇن يۇلتۇزلارمۇ قۇياشقا ئوخشاش ئاسماندا توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى سېكۇنىتىغا 14 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ؛ پادىچى يىگىت يۇلتۇزىنىڭ ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى سېكۇنتىغا 26 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى ئوخشاشمايدۇ، يۆنىلىشىمۇ ئوخشاشمايدۇ.
تۇرغۇن يۇلتۇزلار ھەرىكەتلىنىدىغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، تۇرغۇن يۇلتۇزلار يەر شارىدىن ھەقىقەتەن بەكمۇ يىراق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرگىلى بولمايدۇ. بىزگە تونۇشلۇق بولغان چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يەتتە قاراقچى يۇلتۇز ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشكە قاراپ ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. گەرچە بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاسترونوملار نازۇك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ. ئۇلارنىڭ 100 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋە 100 مىڭ يىل كېيىنكى شەكلى بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان شەكلىگە ئوخشاشمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.