بىر ياشلىق بالىلار كىتاب كۆرەلەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئاتا - ئانىلار دائىم <قانداق ۋاقىتتا بالىلارغا كىتاب كۆرۈشنى ئۆگەتسە بولىدۇ؟> دېگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالا بىر ياشقا كىرگەندە كىتاب كۆرۈشنى ئۆگەتسە بولىدۇ. ئون ئايلىق بولغان بالىلار دىققىتىنى يىغىپ تۇرۇپ، چوڭ ۋاراقلىق رەسىم كىتابلىرى ۋە ئەلبومنى كۆرەلەيدۇ، 12 ئايلىق بولغان بالىلاردا ئاللىقاچان كىتاب كۆرۈش ئىقتىدارى يېتىلگەن بولىدۇ. سىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىڭىزغا ئاساسەن بارمىقى بىلەن كىتابتىكى رەسىمنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، 18 ئايلىق بولغان بالىلار كىتابنى ۋاراقلاپ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن رەسىمنى تاپالايدۇ. 21 ئايلىق بولغان بالىلار كىتابتىكى شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا، بىر ياشلىق بالىلار كىتاب كۆرەلەپلا قالماي، بەلكى يەنە بالىلارنىڭ كىتاب ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىش ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلار تىلى چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى بولۇپ، رەسىم كۆرۈش ئارقىلىق تۇرمۇشتا ئوڭاي ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ياكى پەقەت كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى بىلىۋالىدۇ. تىل ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۆزلۈكلىرىنىڭ توپلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ، كىتاب كۆرۈش ئارقىلىق دىققىتىنى يىغىش، كۆزىتىش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.