UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا گەپ قىلغۇزۇشنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

بالىلارغا گەپ قىلغۇزۇشنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئاڭلاش سېزىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى مەشىق قىلدۇرۇشتا، ئاساسلىقى چوڭلار گەپ قىلىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خىلمۇخىل ئاۋاز ئارقىلىق مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئانىنىڭ گەپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم. يېڭى تۇغۇلغانلارغا گەپ قىلغاندا، بوۋاقنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ، رىتىملىق ھالدا، يۇقىرى - تۆۋەن ئاۋازادا، يېقىملىق ئاۋازدا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەش كېرەك. ئىككى - ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئۇ گۇڭراش ئارقىلىق سىزگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. قانچە كۆپ غىدىقلىنىش بولسا، ئۇ ناھايىتى كۆپ سۆزلىيەلەيدۇ. سۆزلىگەندە بالىلارنى چوڭلارنىڭ چىرايىغا، يەنە ئېغىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلغۇزۇش كېرەك، بۇ ئۇنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمىنى ماسلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. يېڭى تۇغۇلغانلار بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: ئۇخلاپ كۆزىنى ئاچقان ۋاقىتتا، تەرەت لاتىسىنى ئالماشتۇرغاندا، ئېمىتكەندە، يۇيۇندۇرغاندا، ئىشقىلىپ بالىنى مەلۇم نەرسىلەرگە جەلپ قىلغاندا ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ياخشى كەيپىيات پەيدا بولىدۇ ھەم خۇشاللىق بىلەن چوڭلارنىڭ ئۇنىڭغا قويغان تەلىپىگە ماسلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە