ئىسلاندىيە راستتىنلا ناھايىتى سوغۇقمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئىسلاندىيە - ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمال، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن شىمالىي مۇز ئوكياندىكى گرېنلاندىيە دېڭىزى ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان ئارال دۆلەت. ئېيتىلىشىچە، 1000 نەچچە يىل بۇرۇن، ئېرلاندىيىلىك كۆچمەنلەر بۇ يەرگە كەلگەندە، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرىشىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇ جاينى <مۇز بىلەن قاپلانغان ئارال> دەپ ئاتاشقان، كېيىن كىشىلەر بۇ جاينى ئىسلاندىيە <مۇز ئارىلى> دەپ ئاتاشقان.
ئەمەلىيەتتە ئىسلاندىيە ئانچە سوغۇق ئەمەس، بۇ جاينىڭ پەقەت 20 پىرسەنتى يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، قالغان كۆپ قىسىم يەرلىرى ئوتى ئۆچكەن ۋولقان لاۋىلىرىدىن تەركىب تاپقان. شۇڭا ئۇنى <يانار تاغ ئارىلى> دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق. ئىسلاندىيىدە يانار تاغ كۆپ پارتلايدۇ. خاتىرىلىنىشىچە، يانار تاغ ھازىرغىچە 200 قېتىمدىن ئارتۇق پارتلىغان، ھازىر ئىسلاندىيىدە يەنىلا 20 نەچچە يانار تاغ بولۇپ ئۇ داۋاملىق رەھىمسىز بولۇپ، كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىغان، دېھقانلارنىڭ ئېتىز، ئۆي، باغۋارانلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشچان ئىسلاندىيە خەلقى ئىلغار پەن - تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس يانار تاغ بايلىقى، مەسىلەن، ئىسسىق بۇلاق، يەر ئاستىدىكى ئىللىق ئېقىم قاتارلىقلار ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى پار بىلەن تەمىنلىگەن. ئىسلاندىيىدە يەنە ھەممىلا يەردە بېلىق يېتىشتۈرۈش مەيدانى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، ئۈستى ئوچۇق مۇنچا قاتارلىقلاrنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئادەم ئازراقمۇ <سوغۇق> ھېس قىلمايدۇ.