UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوبرا كىيىك قانداق ھايۋان؟

بوبرا كىيىك قانداق ھايۋان؟

نېمە ئۈچۈن ھازىرقى رېئال دۇنيادا، بوبرا كېيىك دەيدىغان بۇنداق غەلىتە مەخلۇقنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا، بوبرا كېيىك زادى قانداق ھايۋان؟ زوئولوگلار يەر شارىدا بوبرا كىيىكىنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قەدىمكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بوبرا كېيىك ھازىرقى ھايۋانات باغچىلىرىدىكى زىراپە بولسا كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن قەدىمكى كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، بوبرا كىيىك مۆرىيەلمەيدىكەن، ئالدى پۇتى توققۇز چى، كەينى پۇتى ئالتە چى، بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر جاڭ ئالتە چى كېلىدىكەن، ئىككى كالتە مۈڭگۈزى، كالىنىڭكىگە ئوخشىشىدىغان قۇيرقى بار ئىكەن، بەدىنى كىيىكنىڭكىگە ئوخشىشىدىكەن، ھايۋانات دۇنايسىدا پەقەت زىراپىنىڭ تۇرقىلا مۇشۇنداق تەسۋىرگە ئەڭ يېقىن كېلىدۇ. يەنە، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا بوبرا كىيىك ئىسسىق بەلۋاغدا ياشايدۇ دەپ خاتىرىلەنگەن، زىراپىنىڭ ئەسلىي يۇرتىمۇ ئىسسىق بەلۋاغ ئافرىقىدا، ئافرىقا مەملىكىتىمىزدىن بەكلا يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر ھەقىقىي زىراپىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ قىياسى ۋەپەرەزلىرىگە ئاساسەن بوبرا كىيىكىنىڭ سىياقىنى خىيالىي سۈرەتلەپ چىققان. ئافرىقىدىكى سومالىدا كىشىلەر زىراپىنى <geri> دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ麟麒 <(بوبرا كېيىك)> نىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە