UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانىنىڭ بالا ئېمىتىشتىكى توغرا قىياپىتى قانداق بولىدۇ؟

ئانىنىڭ بالا ئېمىتىشتىكى توغرا قىياپىتى قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياخشى بولغان بالا ئېمىتىش قىياپىتى يالغۇز ئانىنىلا راھەت ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، بالىمۇ ناھايىتى راھەت ھالدا ئېمىدۇ. ئانا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئېمىتىدىغان ئەمچەك تەرەپتىكى پۇتىغا بىر كىچىك ئورۇندۇق قويۇپ تۇرۇپ، ئېمىتسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئېڭىشىپ تۇرۇپ، قول مۇسكۇللىرى بىلەن بالىنى ئەمچەككە يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئانا بىلەك ئاستى ۋە يوتىنىڭ ئۈستىگە بىر ياستۇق قويۇپ ئېمىتسىمۇ، بالا ۋە ئانا ناھايىتى راھەتلىنىدۇ. ئانا يەنە يانتۇ يېتىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل كېچىسى ئېمىتىشكە ۋە بالىنى ئالداپ ئۇخىلىتىشقا بولىدۇ، بىر - بىرسىدىن ئازراق ئېگىز ياستۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئېمىتسىمۇ بولىدۇ. يەنە تۆشەك سېلىپ، ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئېمىتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالا يانتۇ بولۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، يەنە بىر كىچىك تۆشەك (سېلىنچا) تەييارلاپ، بالىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە تىرەپ قويۇش كېرەك (بوينىنىڭ تۆۋەن تەرىپى مۇشۇ سېلىنچىغا تايىنىدۇ).
← بارلىق تېمىلار نەمە