يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا چىيقان چىقىپ قالساقانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
چىيقان كۆپىنچىسى باش تېرىسى، بويۇن، دۈمبە قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىدىن دادۇرنىڭ چوڭلۇقىغىچە بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. يەرلىك ئورۇندا قىزىرىش، ئىششىپ قېتىش، ئاغرىش، قىزىش كۆرۈلىدۇ. چىيقان تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان بولۇپ، بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ، بەزىلىرى يىرىڭلاپ ئېغىز ئالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمشاق، يۇقۇملىنىشقا قارشى كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن تېرىنىڭ تازىلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش، كۈندە ياكى كۈن ئاتلاپ يۇيۇپ، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان شارائىتنى ھازىرلاش، دەسلەپكى مەزگىلدە بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. چىيقان دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىرىپ ئىششىيدۇ. يەرلىك ئورۇنغا 2.5% لىك يود تىنىكتۇرسى سۈرۈپ ئاندىن 75% لىك ئىسپىرتتا سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن ئېرىترومىتسىن مەلھىمىنى سۈرۈپ قويسا بولىدۇ. چىيقان يىرىڭلىغان بولسا، يەرلىك ئورۇندا دولقۇنسىمان ھەرىكەتلەنگەن ھېسسىيات بولۇپ، كېسىپ يىرىڭنى چىقىرىۋېتىش، قەرەللىك دورا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ھەم ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىش، يىرىڭلىق ئىششىقنى قول بىلەن سىقماسلىق، باكتېرىيىنىڭ ئەتراپىغا تارقىلىپ سېپتىتسېمىيە كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.